ئىلان ئۇرنى ئالاقىلىشىڭ چ چ ئۇندىدار :747684999

زامانىۋى تىلەمچىلىك- ئۈندىداردا قىزىل بولاق تىلەش

2016-03-22 10:46:23 -0400تۇرى: يانفون بىلىملىرى
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆچمە ئۇچۇر- ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېز، ئۇچۇر تارقىتىشچانلىقىنىڭ باشقا تاراتقۇلاردىن قولاي، تېز ۋە كەڭ بولۇشى سەۋەپلىك، ھەرخىل ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە مال سېتۋېلىش تورى ۋە ئەپ دېتاللىرى خەلىقنىڭ ياقتۇرۇپ ئشلىتىشىگە ئېرىشىپ، كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان سەۋىيەگە بېرىپ يەتتى.جۈملىدىن ئۈندىدار ۋە كىيۇ كىيۇ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئۇچۇر ئەپ دېتاللىرىنى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر تور ئابونتلىرىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھەسسىلەپ ئاشقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر بۇ يېڭى، قولاي شەيئىدىن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر ئارا ئۇچۇر ئالاقىسى ئېلىپ بېرىپ، تور يازما، ماقالىلىرىدىن مەنىۋىيىتى بېيىتىپ، بەلگىلىك بىلىم ئالالايدىغان ھەتتا توردىن مال سېتۋېلىپ، ئۈنۈملۈك پايدىلنالايدىغان سەۋيىگە بېرىپ يەتتى.گېپىمنى مۇشۇ بويىنچە دېگىلى تۇرسام بەك ئۇزۇراپ كەتكۈدەك، قىسقارتىپ ئۆز گېپىمگە كەلسەم: ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ يېڭى كۆچمە ئالاقە ئەپ دېتالى چىقىپ قىسقىغىنا نەچچە يىلدىلا نەچچە يۈز مىليون تور ئابونتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، ھازىر ياش ۋە ئوتتۇر ياش كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ ئەپ دېتالنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى ھەم ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ئۈندىدارىغا ئۇرۇق تۇغقان، دوست، تۇنۇشلىرىنى قوشۇۋالىدىغان، دائىم ئۇلار بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە قىزىقارلىقلىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلدىمۇ قانداق يېڭىدىن «قىزىل بولاق» ئەۋەتىش، تاپشۇرۋېلىشقا ئوخشاش يېڭى- يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ تۇردى، يېقىنقى بىرە يىلدىن بىرى قىزىل بولاق تالىشىش، قىزىل بولاق ئەۋەتىش دېگەندەك ئۇچۇرلار دائىم كۆزىمىزگە چېلىقىپ، قۇلقىمىزغا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە ئۈندىدار توپىدا قىزىل- بولاق ئەۋەتىپ شۇنى تالىشىپ ئوينايدىغان ئۈندىدار توپلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى ھېس قىلىپ، سەل مەنىسىز ھېس قىلغان ئىدىم، ئۇنداق توپلارغا كىرىپ قالسام چىكىنىپ چىقىپ كېتەتتىم، لىكىن ئۈندىدار ئىشلىتىۋاتقان يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئۈندىدارىمدىكى بىر ئىش مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى: ئۇ بولسىمۇ ئۈندىدارىمدىكى مەن بىلەن تورداشلىقتىن باشقا ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق، ئۆز- ئارا تۇنۇشمايدىغان، ھەتتا بىرە پارچە ئۇچۇر يوللاپ پاراڭلىشىپمۇ باقمىغان بەزى بىر قىسىم قىزلارنىڭ بىر يۈەن قىزىل بولاق بەرگەن بولسىڭىز، بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز دېگەندەك ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپيىپ قالغانلىقىدىن ھەيرانلىق ئىچىدە ئويلىنىپ قالدىم، بايقىسام بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى توپ ئەۋەتىلگەن ئۇچۇر بولۇپ، ئۇچۇر ئەۋەتكۈچى بۇنى بىراقلا ئۈندىدارىدىكى نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ توردىشىنىڭ ھەممىسىگە ئەۋەتىدىكەن، ئۇچۇر تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ كۆپ قىسىمى بۇنداق ئۇچۇرلار بىلەن كارى بولماي يۈرىۋەرسىمۇ، يەنە 20-30% تورداشلىرى بۇنداق ئۇچۇر ئەۋەتكەنلەرگە قىزىل بولاق ئەۋەتىپ بېرىدىغان ئەھۋال بار بولۇش ئېھتىمالى بار. شۇڭا ئۈندىداردىكى بىر قىسىم قىزلار ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈزى تۆۋەن، غۇرۇرلۇق، پەزىلەتلىك بولۇشتەك ئەنئەنىۋى خىسلەتلىرىنى ئۇنتۇپ، بۇنداق ئىشلىمەي تۇرۇپ چىشلەيدىغان، بېكارغا كەلگەن قىزىل بولاقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلچە ئەيمەنمەستىن، يۈزىنى قېلىن قىلىپ ناتۇنۇش ئەرلەردىنمۇ قىزىل بولاق تىلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالغان بولۇشى مۇمكىن.بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تېما يوللىشىم، قولاشمىغان تەرەپلەر بولسا توغرا چۈشىنىپ ئويلىغان، ھېس قىلغانلىرىڭلارنى دەپ باقساڭلار، مۇشۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايلى،
*********************
«Newer      Older»
ئىلان ئۇرنى
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى ئۇيغۇر بلوگى
wechat: izdenguchi QQ:747684999
Copyright © 2014-2017 Uyghur